تاللاڭيانفون نۇسخىسى | كومپيۇتېر نۇسخىسىنى كۆرۈش
كۆرۈش: 1111|ئىنكاس: 0

ئىسپانىيە بىرلەشمىسى32-ئايلانما: ئىسپانىيەلىكلەر 1:0 خانلىق مادرىد

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

已抛锚 成长值: 430

15

تېما

18

يازما

2

تەڭگە

بېكەت مەسئۇلى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

جۇغلانما
380
ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 1
يازما سانى:
18
بايلىق:
362
تۆھپە:
0
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
140 سائەت
ئاخىرقى:
2020-11-25

مېسسىبارسىلونا

ئىسپانىيە بىرلەشمىسى32-ئايلانما: ئىسپانىيەلىكلەر 1:0 خانلىق مادرىد

2020062906030288678.jpg

    دوڭچيۇدى تورى 29-ئىيۇن خەۋىرى   :

    بېيجىڭ ۋاقتى 6-ئاينىڭ 29-كۈنى سەھەر سائەت 4:00تە، 2019/2020-يىللىق مۇسابىقە پەسلى ئىسپانىيە A دەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسىنىڭ 32-ئايلانمىسىدىكى بىر مەيدان مۇسابىقە ئېلپىرات توپ مەيدانىدا ئۆتكۈزۈلدى، ئىسپانىيەلىكلەر كوماندىسى ساھىبخان مەيداندا خانلىق مادرىد كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىگە چۈشتى، ئالدىنقى يېرىم مەيدان مۇسابىقىدە ئېلىمىز ھۇجۇمچىسى ۋۇ لېينىڭ ئىپادىسى ئاكتىپ بولدى، قاپقىغا تەپكەن توپى ئېگىز ئۆرلەپ كەتتى، خانلىق مادرىدتىن بېنزېمانىڭ پاس بېرىشى بىلەن كاسمىرو بىر توپ كىرگۈزۈپ، مەيدان نەتىجىسىدە ئۈستۈنلۈكنى قولغا كەلتۈردى، ئالدىنقى يېرىم مەيدان مۇسابىقە خانلىق مادرىدنىڭ بىر توپ ئۈستۈنلۈكتە تۇرۇشى بىلەن ئاخىرلاشتى، كېيىنكى يېرىم مەيدان مۇسابىقىدە ئېلىمىز ھۇجۇمچىسى ۋۇ لېي مەيداندىن ئالماشتۇرىۋىتىلدى، بىر توپ ئۈستۈنلۈككە ئىگە بولغان خانلىق مادرىد توپ كونترول قىلىشنى ئاساس قىلىپ، ھۇجۇمغا ئانچە كۈچىمىدى، ئىسپانىيەلىكلەر كوماندىسىمۇ كۆپ پۇرسەتلەرگە ئېرىشەلمىدى، كېيىنكى مىنۇتلاردا ھەر ئىككى كوماندا تىرىشقان بولسىمۇ، مەيدان نەتىجىسىدە ھېچقانداق ئۆزگىرىش بولمىدى، ئاخىرىدا خانلىق مادرىد مېھمان مەيداندا 0:1 نەتىجىدە ئىسپانىيەلىكلەرنى مەغلۇپ قىلدى.



    مۇسابىقە باشلىنىپلا ساھىبخان مەيداندىكى ئىسپانىيەلىكلەر ئالدى بىلەن ھۇجۇمغا ئۆتتى، ئېمباربانىڭ تەپكەن ئىختىيارى توپىنى قاپقىچى تۇتۇۋالدى، داردېرنىڭ تەپكەن توپىنى مۇداپىئەچىلەر توسۇۋالدى، خانلىق مادرىد قايتۇرما ھۇجۇمغا ئۆتۈپ، كاسمىرونىڭ يىراقتىن تەپكەن توپىنى قاپقىچى توسۇپ چىقىرىۋەتتى، يەنە بىر قېتىملىق ھۇجۇمدا كاسمىرونىڭ تەپكەن توپى قاپقا تۆمۈرىگە تەگدى، ئېمباربانىڭ تەپكەن ئىختىيارى توپىنى كۇرتوۋا توسۇپ چىقىرىۋەتتى، ۋۇ لېينىڭ تەپكەن توپى ئازراقلا ئېگىز ئۆرلەپ كەتتى، راموسنىڭ ئۈسكەن كاللا توپى ياندىن چىقىپ كەتتى، ئىسپانىيەلىكلەر قاپقىسى ئالدىدا قالايمىقانچىلىق يۈز بېرىپ، خازاردنىڭ تەپكەن توپىنى قاپقىچى چاققانلىق بىلەن توسۇپ چىقىرىۋەتتى، مۇسابىقە داۋاملىشىپ 44 مىنۇت بولغاندا، خانلىق مادرىد ئاخىرى بىر توپ كىرگۈزۈپ، مەيدان تەڭپۇڭلۇقىنى بۈزۇپ تاشلىدى، خانلىق مادرىد ھۇجۇم تەشكىللەپ، بېنزېما چەكلەنگەن رايون ئىچىدە پۇتىنىڭ كەينى بىلەن پاس يەتكۈزدى، توپقا ئۈلگۈرگەن كاسمىرو قاپقا ئالدىدا توپنى قاپقىغا تېپىپ كىرگۈزدى، ئالدىنقى يېرىم مەيدان مۇسابىقە خانلىق مادرىدنىڭ بىر توپ ئۈستۈنلۈكتە تۇرۇشى بىلەن ئاخىرلاشتى.


    كېيىنكى يېرىم مەيدان مۇسابىقە باشلىنىپ، ئىسپانىيەلىكلەر ھۇجۇمنى كۈچەيتتى، مۇسابىقە باشلىنىپ 57 مىنۇت بولغاندا، ئىسپانىيەلىكلەر ئېلىمىز ھۇجۇمچىسى ۋۇ لېينى ئالماشتۇرىۋەتتى، ئىسپانىيەلىكلەر كوماندىسىدىن دېتوماسنىڭ تەپكەن ئىختىيارى توپىنى قاپقىچى توسۇپ چىقىرىۋەتتى، داۋىد لوپېزنىڭ تەپكەن توپىنى قاپقىچى تۇتۇۋالدى، خانلىق مادرىد غەلبىنى ساقلاپ قېلىش مەقسىدىدە توپنى ياخشى كونترول قىلىپ، رەقىبىگە ئاساسەن پۇرسەت بەرمىدى، كېيىنكى مىنۇتلاردا ھەر ئىككى كوماندا تىرىشقان بولسىمۇ، مەيدان نەتىجىسىدە ھېچقانداق ئۆزگىرىش بولمىدى، ئاخىرىدا خانلىق مادرىد مېھمان مەيداندا 0:1 نەتىجىدە ئىسپانىيەلىكلەرنى مەغلۇپ قىلىپ، بىرلەشمە رەت تەرتىپىدە بارسېلونادىن ئىككى نومۇر ئېشىپ سەركىلىك ئورۇنغا چىقتى.


تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش