تاللاڭيانفون نۇسخىسى | كومپيۇتېر نۇسخىسىنى كۆرۈش
كۆرۈش: 3456|ئىنكاس: 0

كېلەر يىلى يازدا توختام مۇددىتى ئاخىرلىشىدىغان 10 نەپەر داڭلىق پۇت...

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

24

تېما

26

يازما

1563

تەڭگە

بېكەت مەسئۇلى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

جۇغلانما
531
ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 1
يازما سانى:
26
بايلىق:
505
تۆھپە:
0
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
187 سائەت
ئاخىرقى:
2021-5-17

مېسسىبارسىلونا

ۋاقتى: 2020-12-30 20:27:27 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
كېلەر يىلى يازدا توختام مۇددىتى ئاخىرلىشىدىغان 10 نەپەر داڭلىق پۇتبولچى





2020123014334112975.jpg


قىشلىق يۆتكىلىش بازىرى باشلىنىش ئالدىدا تۇرۇۋاتقان مۇشۇنداق پەيتتە، ھەر قايسى كوماندىلار يۆتكىلىش بازىرىدىن ئۆزلىرىگە ماس كېلىدىغان توپچىلارنى ئىزدەشكە كىرىشىپ، ئۆزلىرىنىڭ سەپ شەكلىنى كۈچەيتىشنى مەقسەت قىلماقتا، ئەمما يۇقۇم تەسىرىدە ھەرقايسى كۇلۇبلارنىڭ مالىيەسىدە ئازدۇر-كۆپتۇر مەسىلە كۆرۈلدى، شۇ سەۋەپتىن ئەركىن توپچىغا ئايلىنىش ئالدىدا تۇرۇۋاتقان پۇتبولچىلار ھەممەيلەننىڭ دىققىتىنى تارتىدىغان قىزىق نۇقتىغا ئايلاندى، يېقىندا ئەنگلىيە تاراتقۇسى «كۈندىلىك ئەينەك گېزىتى»، نۆۋەتتە ياۋروپا پۇتبول ساھەسىدىكى كېلەر يىلى يازدا توختام مۇددىتى ئاخىرلىشىدىغان توپچىلارنى بىر قۇر باھالاپ چىققان.

«كۈندىلىك ئەينەك گېزىتى» كېلەر يىلى يازدا ئەركىن توپچىغا ئايلىنىدىغان ئون نەپەر داڭلىق توپچىلارنى باھالاپ چىققان بولۇپ، دۇننارۇمما، بوئاتېڭ، راموس، ئالابا، بېرنات، ۋىينالدۇم، دىمارىيا، مېسسى، ئاگۈيرو، دېپاي قاتارلىق توپچىلار تىزىملىككە كىرگۈزۈلگەن.

2020123015013091651.jpg

دۇننارۇمما

كېپانىڭ چېلسىدىكى ناچار ئىپادىسى، بىر كوماندا ئۈچۈن مۇنەۋۋەر قاپقىچىنىڭ قانچىلىك مۇھىم ئورۇندا تۇرىدىغانلىقىنى ئىسپاتلاپ بەردى، دۇننارۇممامۇ نۆۋەتتە دۇنيا پۇتبول ساھەسىدىكى ئەڭ كۈچلۈك قاپقىچىلارنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ، ئۇنىڭ قىزىل قارا قوشۇن بىلەن تۈزگەن توختام مۇددىتى كېلەر يىلى يازدا ئاخىرلىشىدۇ، ئۇ بەلكىم كوماندىدىن ئايرىلىشى مۇمكىن، ئەگەر شۇنداق بولسا، ئىتالىيەلىك بۇ ياش قاپقىچىنى قوشۇۋالىدىغان كوماندىلار چوقۇم ئۇزۇن بىر رەت ئۆچىرەتنى بارلىققا كەلتۈرىدۇ.

2020123015065468893.jpg

بوئاتېڭ

ئەگەر بىر كوماندا مول تەجرىبىگە ئىگە ئوتتۇرا بېك قوشۇۋالىمەن دەيدىكەن، ئۇنداقتا بايرېن مىيۇنخېننىڭ بېكى بوئاتېڭ ئەڭ جايىدا تاللاش بولالايدۇ، بوئاتېڭ ئېنگلاند ئالىي بىرلەشمىسى، ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسى ۋە گېرمانىيە بىرلەشمىلىرىدە توپ تەپكەن، بىرلەشمە ۋە ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسى ھەم شۇنداقلا دۇنيا لوڭقىسىدىمۇ چېمپىيونلۇققا ئېرىشكەن بۇ توپچى، ھېلىھەم بايرېن مىيۇنخېننىڭ مۇھىم بىر ئەزاسى ھېسابلىنىدۇ، ئەمما بايرېن مىيۇنخېن ھازىرغا قەدەر ئۇنىڭ بىلەن توختام ئۇزارتىش ئىشلىرىدا ئىككىلىنىش باسقۇچىدا تۇرماقتا.


2020123015150624567.jpg

راموس

راموسمۇ ئىنتايىن مول تەجرىبىگە ئىگە توپچى ھېسابلىنىدۇ، ناۋادا خانلىق مادرىد ئۇنىڭ بىلەن توختام ئۇزارتمىسا، ئېنگلاند ئالىي بىرلەشمىسىدىكى كوماندىلارنىڭ ئەڭ ياخشى تاللاش نىشانى ھېسابلىنىدۇ، دۇنيا پۇتبول ساھەسىدە ئۇنىڭغا ئوخشاش كوماندىنى غەلبىگە باشلىيالايدىغان ئەڭ مۇنەۋۋەر مۇداپىئەچىنى تېپىش ئانچە ئاسانغا توختىمايدۇ.

2020123015192438079.jpg

ئالابا

ئالابا ئاران 28 ياش بولسىمۇ، ئۇ يەنىلا كەسپىي ھاياتىنىڭ يۇقىرى پەللىسىدە تۇرماقتا، ھازىر مانچېستېر بىرلەشمىسى، مانچېستېر شەھىرى ۋە خانلىق مادرىد ئۇنى قوشۇۋالماقچى، ئالابا مۇداپىئە سېپىدىكى كۆپ ئورۇندا ئوينىيالايدۇ، ئۇ بايرېن مىيۇنخېن كوماندىسىغا ۋاكالىتەن 400 مەيداندىن ئارتۇق مۇسابىقىگە قاتناشتى.

2020123015250267856.jpg

بېرنات

گەرچە بېرنات ھازىرمۇ يارىلىنىش ھالىتىدە تۇرۇۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما ئۇ ئىسپانىيە بىرلەشمىسى، گېرمانىيە بىرلەشمىسى ۋە فىرانسىيە بىرلەشمىلىرىدە توپ تېپىشتەك تەجرىبىگە ئىگە، ئەمما ئۇمۇ ئەركىن توپچىغا ئايلىنىپ قالسا، سول يان بېك تاللاش نامزاتلىرى ئىچىدىكى ئەڭ مۇۋاپىق توپچى ھېسابلىنىدۇ.

2020123015300025954.jpg

ۋىينالدۇم

ۋىينالدۇم كلوپنىڭ لىۋېرپولدا ئۇتۇق قازىنىشىدىكى مۇھىم توپچىلارنىڭ بىرى، ئەمما ئۇ ھازىر تېخىمۇ ياخشى توختامغا ئېرىشىشنى ئۈمىد قىلىدۇ، مۇشۇ ئايدا لىۋېرپول ئۇنىڭغا يېڭى توختام سۇنغان بولسىمۇ، لېكىن ۋىينالدۇم ھازىرغا قەدەر تېخى قوشۇلغىنى يوق.

2020123015353940348.jpg

دىمارىيا

دىمارىيا ئالدىنقى مۇسابىقە پەسلى پارىژ سانت گېرماننىڭ ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسىدە ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە كىرەلىشىدىكى مۇھىم توپچى ھېسابلىنىدۇ، ئەمما ئۇ پوچېتتىنونىڭ پارىژ سانت گېرمانغا كېلىشى بىلەن قۇربانلىققا ئايلىنىشى مۇمكىن. گەرچە دىمارىيا ئالدىنقى نەچچە مۇسابىقە پەسلى پارىژ سانت گېرماندىكى ئورنىنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ بۇ مۇسابىقە پەسلى كوماندىدىكى تەسىرى تەدرىجىي تۆۋەنلىدى. دىمارىيا ھېلىھەممۇ زەردار كوماندىلارنىڭ قوشۇۋېلىش نىشانى قاتارىدىن ئورۇن ئالالايدۇ.

2020123015440799900.jpg

مېسسى

بارلىق ئەركىن توپچىلارغا ئايلىنىدىغان توپچىلار ئىچىدە، ناھايىتى ئېنىقكى مېسسى ئەڭ داڭلىق چولپان ھېسابلىنىدۇ، مېسسى بۇ يىل يازدا بارسېلونادىن ئايرىلالمىدى، ئەمما بارسېلونانىڭ ئىقتىسادى كىرىزىسقا ئۇچرىشى سەۋەپلىك ئۇنىڭ ئايرىلىش ئۈمىدى ئەمەلگە ئېشىشى مۇمكىن، مېسسى بارسېلونانىڭ گۆھىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن كوماندا ئۈچۈن 749 مەيدان مۇسابىقىگە قاتنىشىپ، 644 توپ كىرگۈزگەن، مەيلى قايسى بىرلەشمىگە قوشۇلسۇن، ئۇ شۇ بىرلەشمىدىكى ئەڭ ياخشى توپچىغا ئايلىنالايدۇ، ئەمما مېسسىنىڭ غايەت زور سوممىلىق مائاشى، ئۇنىڭ يۆتكىلىشىدىكى توسالغۇ بولۇپ قېلىشى مۇمكىن، بەلكىم مانچېستېر شەھىرى ئۇنىڭ تەلىپىنى قاندۇرالىشى مۇمكىن، شۇنداق بولغاندا ئۇ ئۆزىنىڭ يېقىن دوستى ئاگۈيرو بىلەن كوماندا ھۇجۇم سېپىنى تەشكىل قىلىشى مۇمكىن.

2020123015571587429.jpg

ئاگۈيرو

بۇ مۇسابىقە پەسلى ھازىرغا قەدەر ئاگۈيرو مانچېستېر شەھىرىگە ۋاكالىتەن ئاران تۆت مەيدان مۇسابىقىگە قاتناشتى، ئەمما ئۇنىڭ ئىقتىدارىدىن ھېچكىم گۇمانلانمايدۇ، مانچېستېر شەھىرىنىڭ كۇلۇب تارىخىدىكى ئەڭ مۇنەۋۋەر مەرگەن بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۇنىڭ كېلەر يىلى يازدا كوماندىدىن ئايرىلىش مۇمكىنچىلىكىمۇ چوڭ.

2020123016020666776.jpg

دېپاي

مانچېستېر بىرلەشمىسىدىكى بىر مەزگىللىك ناچار ھالەتنى بېشىدىن كەچۈرگەندىن كېيىن، دېپاي لىئون كوماندىسىدا قايتىدىن ئۆزىنىڭ قالتىس ئىپادىسىنى قايتۇرۇپ كەلدى، ئۇنىڭ لىئون كوماندىسىدا كىشىلەردە چوڭقۇر تەسىر قالدۇردى، ئەمما ئۇ ھازىر كوماندىنىڭ كۆپ قېتىملىق توختام ئۇزارتىش تەكلىپىنى رەت قىلدى، بۇمۇ ئۇنىڭ كوماندىدىن ئايرىلىش خىيالىنى ئىسپاتلاپ بەردى، ئۇ بەلكىم بارسېلونا كوماندىسىغا قوشۇلۇشى مۇمكىن.



تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش