ئىسپانىيە بىرلەشمىسى 15-ئايلانما: ۋاللادولىد VS بارسېلونا مۇسابىقىسىگە نەزەر
بېيجىڭ ۋاقتى 12-ئاينىڭ 23-كۈنى سەھەر 5:00تىكى ئىسپانىيە ئا دەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسى 15-ئايلانمىسىدا، ۋاللادولىد ساھىبخان مەيداندا بارسېلونا بىلەن مۇسابىقىلىشىدۇ، ئۇنداقتا ئالدىنقى ئايلانمىدا 2-2 نەتىجىدە ۋالېنسىيە بىلەن تەڭلىشىپ قالغان بارسېلونا بۇ مەيدان مۇسابىقىدە غەلىبە قىلالامدۇ؟ مۇسابىقە خاراكتېرى: ئىسپانىيە ئا دەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسى 15-ئايلانمىسى مۇسابىقە ۋاقتى: بېيجىڭ ۋاقتى 12-ئاينىڭ 23-كۈنى سەھەر 5:00 مۇسابىقە ئورنى: زورىللا توپ مەيدانى
ۋاللادولىدنىڭ ئەھۋالى:
ۋاللادولىد ئالدىنقى ئايلانمىدا 1-1 نەتىجىدە سېۋىللا بىلەن تەڭلىشىپ بىر نومۇرغا ئېرىشتى، ئۇلار ھازىر ئۈچ مەيدان غەلىبە قىلىپ بەش مەيدان تەڭلىشىپ ئالتە مەيدان مەغلۇپ بولۇپ، 14 نومۇر بىلەن 17-ئورۇندا تۇرىۋاتىدۇ. ۋاللادولىدنىڭ بۇ پەسىلدىكى نەتىجىسى تازا ياخشى ئەمەس، ھازىر دەرىجە چۈشۈش رايونىدىن ئاران ئۈچ نومۇر ئۈستۈنلۈكتە تۇرىۋاتىدۇ، شۇڭا دەرىجە چۈشۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن بۇندىن كېيىنكى ھەر بىر مەيدان مۇسابىقىدە دىققەت قىلىشى كېرەك.
بارسېلونانىڭ ئەھۋالى:
بارسېلونا ئالدىنقى ئايلانمىدا 2-2 نەتىجىدە ۋالېنسىيە بىلەن تەڭلىشىپ قالدى، ھازىر ئالتە مەيدان غەلىبە قىلىپ ئۈچ مەيدان تەڭلىشىپ تۆت مەيدان مەغلۇپ بولۇپ، 21 نومۇر بىلەن 5-ئورۇندا تۇرىۋاتىدۇ. بۇ پەسىل بارسېلونانىڭ بىرلەشمىدىكى ئىپادىسى ياخشى ئەمەس، سۇئارېز كوماندىدىن ئايرىلغاندىن كېيىن كوماندىنىڭ ھۇجۇم كۈچى ئۆۋەنلەپ كەتتى، ھەتتا ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسىدە ئۆز مەيدانىدا يۇۋېنتۇسقا ئۇتتۇرۇپ قويدى، لېكىن بارسېلونانىڭ ۋاللادولىد بىلەن ئوينىغان مۇسابىقىلەردە غەلىبە قىلىش نىسبىتى %90كە يەتكەن، شۇڭا بۇ مەيدان مۇسابىقىدە غەلىبە قىلىش نىسبىتى يۇقىرى.
|